لامپېدۇسادا يەنە بىر كېمە پاجىئەسى يۈز بەردى

ئىتالىيەنىڭ لامپېدۇسا ئارىلىغا بېرىشقا ئاز قالغاندا ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن توختىتىلغان كېمىدە 600 ئافرىلىقنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

64820
لامپېدۇسادا يەنە بىر كېمە پاجىئەسى يۈز بەردى

ئىتالىيە دېڭىزىدا پاجىئە يۈز بەردى؛ شىمالىي ئافرىقىدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان قانۇنسىز كۆچمەنلەر كېمىسىدىكى 19 ئافرىقىلىق سۇدا بۇغۇلۇپ قېلىپ ئۆلدى.
ئىتالىيەنىڭ لامپېدۇسا ئارىلىغا بېرىشقا ئاز قالغاندا ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن توختىتىلغان كېمىدە 600 ئافرىلىقنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى. ئۆلگەنلەرنىڭ كېمىنىڭ ئاستى تەرىپىگە يوشۇرۇنۇۋالغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، كونا كېمىنىڭ موتورىدىن چىققان ئىستىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاندى.
ئەرەب باھارىدىن كېيىن كۆچمەن سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ۋە پەقەت بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 70 مىڭ كۆچمەننىڭ ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 2013- يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا 366 كىشى بوغۇلۇپ ئۆلگەن ۋەقەدىن كېيىن ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئاق دېڭىزدىكى چارلاش سانىنى ئاشۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر