ئوباما ئاقسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

132486
ئوباما ئاقسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تاشقى سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە غەززەدە ئۇرۇش ئارىسىدا قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلار ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى ۋە كىشىلەرنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىك يوللار ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىشقا سېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو قارارلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ پۇتىننى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما كونكرېت تەدبىر ئېلىشنىڭ ئورنىغا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان سۆزلەرنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەسلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىگە تاجاۋۇز قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيەدىكى بەزى ھەربىي سانائەت شىركەتلىرىنىڭ مال – مۈلكىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن باراك ئوباما، بۇنداق بولغاندا رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى ۋە موسكۋانىڭ دىپلوماتىك يالغۇزلۇققا دۇچار بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو سۆھبىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلا مۇھىم پىكىر ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە كونگرە بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇزاكىرىلەرنى ئۇزارتىشقا ئېھتىياج بار – يوقلۇقى ھەققىدە قارار بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر