فىرانسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 3 تۈرك ئۆلدى

فىرانسىيەنىڭ گېرمانىيە چېگراسىغا جايلاشقان مۇلھاۋس شەھىرىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە بىر ئائىلىگە مەنسۇپ 3 تۈرك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

132251
فىرانسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 3 تۈرك ئۆلدى

فىرانسىيەنىڭ گېرمانىيە چېگراسىغا جايلاشقان مۇلھاۋس شەھىرىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە بىر ئائىلىگە مەنسۇپ 3 تۈرك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئوت ئاپىتىدە ئەسلى يۇرتىنىڭ تۈركىيەنىڭ يوزگات شەھىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھەسەن ئارسلان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئارسلان ۋە 13 ياشلىق پەرزەنتى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئائىلىنىڭ قالغان 3 پەرزەنتى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەسەن ئارسلاننىڭ ئۈچ پەرزەنتىنى ئۆگزىگە چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق ھاياتتا قېلىشلىرىغا سەۋەبچى بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئوت ئاپىتىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلارنىڭ ۋەقە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر