مىسىر ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ لايىھەسى سۇندى

مىسىر، ئۇدا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا بۈگۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇشى نىشان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ لايىھەسىنى سۇندى

129832
مىسىر ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ لايىھەسى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر، ئۇدا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا بۈگۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇشى نىشان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ لايىھەسىنى سۇندى.
تەكلىپ لايىھەسى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىنلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ قاھىرەدە بىر يەرگە جەم بولۇشى ۋە ۋەزىيەتنى تىنجىتىش تەدبىرلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ لايىھەسى، قاھىرەدە جىددىي يىغىن چاقىرغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىنلا ئۇقتۇرۇلدى.
يىغىندا، مىسىرنىڭ تەكلىپ لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىندى.
لايىھەگە كۆرە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پەلەستىن ھۆكۈمىتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت، لايىھە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىپ 48 سائەت ئىچىدە قاھىرەدە ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.
مىسىرمۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە رىئايە قىلىنىپ قىلىنمىغانلىقىنى كۆزىتىدۇ.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىرنىڭ تەكلىپ لايىھەسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجم قىلىپ 7 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كەم دېگەندە 175 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
غەززەدىكى ھاماس ھۆكۈمىتى بولسا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشى ۋە غەززەدىكى ئىسرائىلىيە قامىلىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرىمۇ ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن مىسىردا زىيارەتتە بولىدۇ.
كېرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق رەھبەرلىرى بىلەن كۆرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر