خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

129911
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.
ئاۋىسترالىيە، لىيۇكسېمبۇرگ ۋە ئىيوردانىيە تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە ئۇدا بىر ئايدىن بۇيان ئەزالار ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان قارار لايىھەسى، تۈركىيە، ئىيوردانىيە ۋە ئىراق ئارقىلىق بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ رۇخسىتىسىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى سۈرىيە خەلقىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى نىشان قىلىدۇ.
قانۇن لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان پەيتتە، سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، ئۆزلىرىنىڭ رۇخسىتى ئېلىنماستىن دۆلەتكە كىرگەن ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىگە ئوق چىقىرىلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغانىدى.
ئىلگىرىمۇ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك 4 قارار لايىھەسىنى ۋېتۇ قىلغان رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قايىل قىلىنىشى ئۈچۈن لايىھەدىن ئورۇن ئالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 7 - بۆلۈمىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لايىھەسىدە، قارارغا رىئايە قىلىنمىغان تەقدىردە ھەرىكەتكە ئۆتۈلۈشى ئۈچۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن يېڭى بىر قارارنىڭ چىقىرىلىشى لازىملىقى تەكىتلەنمەكتە.
لايىھەدە، ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى توشۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 180 كۈن ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىمۇ تەلەپ قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر