ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى 255 سۈننىي مۇسۇلماننى قەتلى قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 255 سۈننىي مەھبۇسنىڭ كوللېكتىپ ھالدا قەتلى قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

127348
ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى 255 سۈننىي مۇسۇلماننى قەتلى قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 9- ئىيۇلدىن بويان كەم دېگەندىمۇ 255 سۈننىي مەھبۇسنىڭ ئىراقلىق ئەسكەرلەر ياكى شىئە قوراللىقلىرى تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھالدا قەتلى قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا، مەھبۇسلارنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قارشى ئىنتىقام ئېلىش غەرىزىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. ئۆلتۈرۈپ تاشلانغانلارنىڭ ئىچىدە 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارمۇ بار. بۇ جىنايەتلەرنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىلىشىدىن قېچىش ئەسناسىدا تۈرمىلەرنى بوشىتىشقا مەسئۇل بولغان گۇرۇپپىلارنىڭ سادىر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
دوكلاتتا، مەزكۇر قەتلى قىلىش قىلمىشىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش جەھەتتە پاكىت بولالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قەتلىئاملىرىغا مەركەزلىشىپ قېلىپ، ھۆكۈمەت تەرەپدارى گۇرۇپپىلارنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر