بايدىن، بارزانى ۋە نۇجەيفى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكىنىڭ كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى داۋام قىلماقتا.

127476
بايدىن، بارزانى ۋە نۇجەيفى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا؛ ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىراق رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبەتلىرىدە ‹ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش خىزمەتلىرى› نىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى بىلەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەن مۇددەتكە رىئايە قىلغان ھالدا بالدۇرراق قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشىنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەرنى ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە تىنچلىق ئۇسۇللار ۋە خەلقنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئالغان ئاساستا ھەل قىلىش بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە قارشى ئىراقنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكرارلاندى.
بايدىننىڭ ئىككىنچى تېلېفون سۆھبىتىنى ‹مۇتتەھىدۇن بىرلەشمىسى› نىڭ باشلىقى ئۇسامە نۇجەيفى بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى، يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىش خىزمەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، نۇجەيفىنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر