ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي گاز سۈركىلىشى بارغانچە كۈچەيمەكتە.

124870
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز لىنىيەسى مەسىلىسى بويىچە سۈركىلىش كېلىپ چىقتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى توختىتىش ھەققىدە بايانات بېرىشىگە قارىتا، رۇسىيە مەزكۇر لىنىيە كېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئاۋستىرىيە بىلەن ۋېنگىرىيەدىن كېيىن سىربىيەمۇ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە لايىھەگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ ئۈچتە بىرىنى تەمىنلەپ كەلمەكتە.
رۇسىيە ئوكرائىنانى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان جەنۇبىي ئېقىم لايىھەسى تۈرتكىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتنى يەنە 25% ئاشۇرىدۇ.
تەبىئىي گاز جەھەتتىن رۇسىيەگە بۇنچىلىك كۈچلۈك دەرىجىدە بېقىندى بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى لايىھەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تەبىئىي گاز لىنىيەسى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن بايانات ئېلان قىلدى ۋە بۇ ساھەدە ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنى توختىتىپ قويدى.
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ سودا مەنپەئەتىنىلا كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا تەبىئىي گاز بازىرىنى مونوپول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بولىسىمۇ، بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە نامزاتلار جەنۇبىي ئېقىم لايىھەسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىلگىرى لايىھەدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بۇلغارىيە، كېيىنچە باياناتىدىن يېنىۋالدى. باش مىنىستىر پىلامېن ئورېشاراسكى «لايىھەدىن ۋاز كېچىشىمىزنى خالىساڭلار بىزگە باشقىچە يول كۆرسىتىڭلار» دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغا نامزات دۆلەت سېربىيە ئالدىنقى كۈنىرۇسىيە بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2 مىليارد ياۋرولۇق كېلىشىم ئىمزالىدى. سلوۋېنىيە جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ تېرروتورىيەسىدىن كېسىپ ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئاۋىسترىيە بىلەن ۋېنگىرىيەمۇ جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز لىنىيەسى لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئىتالىيە مەزكۇر لايىھەنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بارلىق يوللارنى سىناپ كۆرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
يىلدا ياۋروپاغا 63 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز توشۇلىدىغان جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز لىنىيەسى بۇلغارىيە، سېربىيە، ۋېنگرىيە، سلوۋېنىيە ۋە ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئىتالىيەگىچە سوزۇلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تەبىئىي گاز لىنىيەسىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بەلگىلىمىلىرى ۋە قانۇنى بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر