سۈرىيە قوزغىلاڭچىرىلىرىنىڭ كېڭەش يىغىنى ئاخىرلاشتى
ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولغان سۈرىيە قوزغىلاڭچىرىلىرىنىڭ 3 كۈنلۈك كېڭەش يىغىنى ئاخىرلاشتى.
123784
كېڭەشنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى سايلام بولدى. ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ھادى ئەل بەھرا سۈرىيە قوزغىلاڭچى ۋە ئىنقىلاپچى كۈچلىرىنىڭ يېڭى رەھبىرى بولۇپ سايلاندى.
ھادى ئەلبەھرا جەنەۋەدىكى تىنچلىق يىغنلىرىغىمۇ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باش مۇزاكىرىچىسى بولۇپ قاتناشقان ئىدى.
دېموكراتچىلارنىڭ نامزاتى بولغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىقىنلىقى بىلەن تونۇلىدىغان ھادى ئەل بەھرا، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا 62 ئاۋازغا ئېرىشىپ باشلىق بولۇپ سايلاندى.
سۈرىيە كۇرت خەلق كېڭىشى باشلىقى ئابدۇل ھەكىم باشار بولسا، مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ سايلاندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.