ئامېرىكا: ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىراق تىنچلانغاندا بېرىمىز

ئامېرىكا ئىراققا بېرىشنى ۋەدە قىلغان F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن ئىككىسىنى ‹دۆلەتتە مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان› دا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇردى.

115929
ئامېرىكا: ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىراق تىنچلانغاندا بېرىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراققا بېرىشنى ۋەدە قىلغان F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن ئىككىسىنى ‹دۆلەتتە مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان› دا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئامېرىكىنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايكېل بېدنارېك تۈنۈگۈن مېدىيا مەنسۇپلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، «ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئىراقتا مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن F-16 تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى دۆلەتكە تاپشۇرىدۇ. بۇ ئايروپىلانلارنىڭ سالاھۇددىن ۋىلايىتىدىكى بەدەل ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا، لېكىن نۆۋەتتە ئۇ يەردە بەك بىخەتەر ئەمەس» دېدى. بېدنارېك يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىراققا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە 389 تانكىئاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 14 مىليون پارچە ئوق – دورا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىراق، 2008- يىلى نويابىر ئېيىدا ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە كۆرە، بۇ يىل بېرىلىشى ۋەدە قىلىنغان 6 دانە F-16 تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۇنجىسىنى 9- ئىيۇندا تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، 300 نەپەر ھەربىي مۇتەخەسسىسنى ئىيۇن ئېيىدا ئىراققا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى باغدادتىكى ئەلچىخانىسى بىلەن باشقا شەھەرلەردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يەنە 300 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
پېنتاگون تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، ئاخىرقى قېتىم ئەۋەتىلىدىغان 300 ئەسكەرنى قوشقاندا باغدادتا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سانى 750 كە يېتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر