خىمىيەلىك قوراللار ئامېرىكا پاراخوتىدا...

سۇرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنىڭ ئىتالىيەدىكى گىئوئىئا تائۇرو پورتىدىكى پاراخوتتىن پاراخوتقا يۆتكەش خىزمىتى ئاخىرلاشتى.

116383
خىمىيەلىك قوراللار ئامېرىكا پاراخوتىدا...

سۇرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنىڭ ئىتالىيەدىكى گىئوئىئا تائۇرو پورتىدىكى پاراخوتتىن پاراخوتقا يۆتكەش خىزمىتى ئاخىرلاشتى.
دانىيەنىڭ ئارك فۇتۇرا ناملىق پاراخوتى تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئېلىپ كەلگەن سۇرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىدىن بىرىنچى دەرىجىدە مۇھىم بولغان 78 كونتېينىر گىئوئىئا تائۇرو پورتىدا 12 سائەتتىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي يۈك پاراخوتى كەيپ رەيگە يۆتكەلدى.
يۆتكەپ قاچىلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پورت خىزمەتچىلىرى ھەرىكەتنى تەبرىكلىدى. تەبرىكلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا پاراخوتى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا گىئوئىئا پورتىدىن چىقىپ ئاق دېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) غا كىردى. پورتتىكى يۆتكەپ قاچىلاش جەريانىغا نازارەتچىلىك قىلغان خىمىيەلىك قورال چەكلەش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىمۇ ئىتالىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە مەھەللىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ئىشقا ‹ئوبدان تەييارلىق قىلغانلىقلىرىنى ۋە بۈگۈننىڭ تارىخنىڭ ئۆلچەم تاشلىرىدىن بىرى بولىدىغانلىقى» نى تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
خىمىيەلىك قورال چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەھمەت ئۈزۈمجۈ، خىمىيەلىك ئۇرۇش ماددىلىرىنىڭ دانىيە پاراخوتىدىن ئامېرىكا پاراخوتىغا يۆتكىلىشىنىڭ مەسىلە كۆرۈلمەستىن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىتالىيەگە قوشقان ھەسسىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇ خىزمەتكە ئىشتىراك قىلغان خادىملارنى تەبرىكلىدى. خىمىيەلىك قورال چەكلەش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ قاچىلانغان بىرىنچى دەرىجىدە مۇھىم 600 توننا خىمىيەلىك ئۇرۇش ماتېرىيالى بىلەن بىرلىكتە ئاق دېڭىزنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ يولغا چىققانلىقى، ئۇ يەردە بۇ خىزمەت ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ھىدرولىز سىستېمىسى ئارقىلىق خىمىيەلىك قوراللارنى تازىلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ 60 كۈندە ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا يەنە، دانىيە پاراخوتى ئارك فۇتۇرادا قالغان ئىككىنچى دەرىجىدە مۇھىم قوراللارنىڭ تازىلىنىش ئۈچۈن ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىنلاندىيەگە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر