ئىسرائىلىيە 40 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يوقۇلۇپ كەتكەن 3 نەپەر يەھۇدىي كۆچمەننىڭ جەسىتىنى تاپقاندىن كېيىن نابلۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھاماس تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قاشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

115516
ئىسرائىلىيە 40 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 40 نەپەر پەلەستىن پۇقراسىنى قولغا ئالدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يوقۇلۇپ كەتكەن 3 نەپەر يەھۇدىي كۆچمەننىڭ جەسىتىنى تاپقاندىن كېيىن نابلۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھاماس تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قاشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدە ھاماسنىڭ بەزى رەھبەرلىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەپەر ئەزاسىنى ۋە ئائىلە – ئەزالىرىنى قولغان ئالدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھاماسنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەت ئەل ھاج ئەلىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە ئەلى ئۆيدىن تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن قىزىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى، ئاختۇرۇش جەريانىدا ئۆيىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن قۇددۇسنىڭ شەرقىدە تۇرۇشلۇق شۇئافات پاناھلانغۇچىلار لاگىرىدىمۇ بەزى ئۆيلەر ئۆرۈپ تاشلاندى ۋە نۇرغۇن ساندا كىشى قولغا ئېلىندى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نابلۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلكىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كېرىپ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە قارشى چىققانلارغا پىلاستىك ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.
بىر تۈركۈم پەلستىنلىكلەرنى قولغا ئېلىپ يەنە بەزىلىرنى يارىدار قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر