كېررى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررى رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

114308
كېررى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررىنىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كېررىنىڭ لاۋروۋغا رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى يولىدا كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىمىغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
لاۋروۋغا دۆلەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلانمىغانلىقىنى يەتكۈزگەن كېررى، كىئېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. كېررى، رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى. كېررى، چېگرادىن قورال – ياراغ ئۆتۈشىنىڭ توختىتىلىشى، چېگرا بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ قورال تاپشۇرۇشى ئۈچۈن رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
بۇنىڭدىن باشقا ئىككى مىنىستىرنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەر ۋە ئىراقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر