ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار لاگېرىدا ياردەم تارقىتىلمىدى

ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلار پاناھلىنىۋاتقان ۋە قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان يەرمۇق مۇساپىرلار لاگېرىدا تەخمىنەن بىر ئايدىن بۇيان ياردەم تارقىتىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

112608
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار لاگېرىدا ياردەم تارقىتىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى چىرىس گاننېس يازما باياناتىدا، يەرمۇق لاگېرى ئىچىدە ئاخىرقى ياردەم تارقىتىلغاندىن بۇيان ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ 21– ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان كېلىشىمدىن كېيىن لاگېرغا قاپسىلىپ قالغان 18 مىڭ ئادەم ئۈچۈن ياردەم تەييارلىقلىرىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئانچە ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، لاگېردا نۇرغۇنلىغان كىچىك بالىلارنىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە مۇساپىرلارغا ياردەم تارقىتىشنى باشلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئىسىرائىلىيە يولغا قويۇۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سەۋەبىدىن يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان پەلەستىنلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن 1957 – يىلى قۇرۇلغان يەرمۇق مۇساپىرلار لاگېرى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپەيگەن يېرىم مىليونلۇق نوپۇسى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار لاگېرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇرۇن 160 مىڭ مۇساپىر تۇرۇۋاتقان دەمەشىق ئەتراپىدىكى لاگېردىن 140 مىڭ ئادەم ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رايونغا قەدەم بېسىشى بىلەن بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىغا دۇچ كەلگەن مۇساپىرلاردىن بەزىلىرى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.
لاگېردا ياردەم تارقىتىش قايتا باشلانمىغان تەقدىردە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ رامىزان ئېيى ئىچىدە ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر