ئىسرائىلىيەدە كۆچمەنلەر نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيەدە كۆچمەنلەر تۇرمۇش شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىيەدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇرمۇش شارائىتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈنۈگۈن مىسىر چېگرىسىغا قاراپ يولغا چىققان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.
ساقچىلار قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ چېدىرلىرىنى تارقاقلاشتۇردى. ئىسرائىلىيەگە 2006-يىلدىن بۇيان مىسىر چېگرىسىدىن تەخمىنەن مىڭلارچە ئافرىقىلىق قانۇنسىز يوللاردىن كىردى.
تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسمى تېل ئاۋىۋنىڭ سودا رايونىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ تىرىكچىلىك قىلماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نېگېۋ چۆلىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئۈچۈن «ئوچۇق ھاۋا يىغىۋېلىش لاگېرى» قۇرۇلدى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەرىكىتىنى ئىسرائىلىيەنىڭ «يەھۇدىي جەمئىيەت قۇرۇلمىسى»غا تەھدېت سۈپىتىدە كۆرىدۇ.
ئىسرائىلىيە پارلامېنتىمۇ 3 ھەپتە ئىلگىرى چىقارغان قانۇن ھەققىدە ھۆكۈمەتكە ئىسرائىلىيەگە ۋىزىسىز كىرگەنلەرنى دۆلىتىگە ياكى باشقا دۆلەتكە قايتۇرۇۋېتىشتا «مۇددەتسىز نازارەت ئاستىغا ئېلىش ھوقۇقى» بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش سىياسىتىنىڭ كۆچمەنلەر ئۈچۈن «قىينچىلىق ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلەر»گە سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە قانۇننىڭ كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك 1951-يىلدىكى خەلقئارا كېلىشىمگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719157002)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.