ئامېرىكا ئىراققا 200 ئەسكەر ئەۋەتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىراققا 200 زاپاس ئەسكەر ئەۋەتتى.

112417
ئامېرىكا ئىراققا 200 ئەسكەر ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىراققا 200 زاپاس ئەسكەر ئەۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىكى سانى 750 كە يەتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جون بوئېھنېر ۋە كېڭەش پالاتاسىغا مەكتۇپ يوللىدى. ئوباما مەكتۇبىدا، كونگرە ئەزالىرىنى ئىراققا بارىدىغان زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ باغداد ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداش ۋە باغداد خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوباما مەكتۇبىدا يەنە، قانىتى پىرقىرايدىغان ئايروپىلان، ئىستىخبارات، نازارەت ۋە كۆزىتىش ئەترەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەسكەرلەرنىڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوراللاندۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئوبامانىڭ مەكتۇبىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەسكەرلەر بىخەتەرلىك جەھەتتىن ھېچقانداق ئېھتىياج قالمىغىچە ئىراقتا تۇرىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى جون كىربى يازما باياناتىدا، 29 – ئىيۇن ئىراققا يېتىپ بارغان ئەسكەرلەرنىڭ، ئەلچىخانىنىڭ مۇھىم دىپلوماتىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر