ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

باش مىنىستىر كامېرون ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنىڭ رېفېراندۇمدا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

113354
ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە جېن كىلاۋد جانكېر مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماقتا.
باش مىنىستىر دېيۋىد كامېرون رەئىسلىك قىلىۋاتقان كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى كېلەر يىلدىكى ئومۇمىي سايلامدا ئۇتۇپ چىققان تەقدىردە، 1973-يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ ئەزالىقىنى رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈپ ئاۋازغا قويىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىپادە قىلغان كامېرون، بىريۇسسېلغا ھەددىن زىيادە ھوقۇق بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. كامېرون مۇنداق دېدى: «ياۋروپا سايلاملىرىدا ئىنسانلار ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ نارازى بولۇشى ناھايىتى تەبىئىي. ئەنگلىيە ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاۋازى بولدىۇ. ھەر دائىم پىرىنسىپلىرىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلىمىز، مىللىي مەنپەئەتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز ۋە ئىلكىمىزدىكى ھەر نەرسە بىلەن ئالدىمىزدىكى يىللاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيەنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە قارارنى مەن، بۇ پارلامېنت ياكى بىريۇسسېل ئەمەس ئىنگىلىز خەلقى بېرىدۇ.»
كامېرون ياۋروپا كومىتېتى رەئىسلىكىگە جانكېرنىڭ سايلىنىشىنىغا توسالغۇ بولالمىغان ئىدى، ئەنگلىيەدە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا ئىنگىلىز خەلقنىڭ 47%ى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى، 39% بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشنى خالايدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر