سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بىلەن ئى ش ئى د ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

سۈرىيەدە سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

111911
سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بىلەن ئى ش ئى د ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھالەپ شەھرىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 10 مىلىتان ئۆلدى.
سۈرىيەلىك ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ھالەپنىڭ شىمالىدىكى ئاختارىن رايونىدا بىرلەشكەن ئىسلامىي فىرونتى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 10 مىلىتان ئۆلگەن.
ھالەپ تەۋھىد مەسئۇلى مەتبۇئات باياناتچىسى سالىھ ئانادانى سۆز قىلىپ، «ئۆكتىچىلەر ئاختارىن رايونىغا ھۇجۇم قىلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىغا قارشى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى» ئېيتتى.
ئانادانى «فىرونتقا قاراشلىق قىسىملار رايونغا ھۇجۇم قىلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ بازىلىرىغا تانكا ۋە روكېتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.»
ئانادانى ئىسلامىي فىرونتقا قاراشلىق قىسىملارنىڭ ھالەپنىڭ شىمالىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر