ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرئىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ پەلەستىنلىكلەرگە نۇرغۇن زىيان بەردى.

110674
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى بەيت ھانۇن ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «بېنات» رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى.
بەزى ئۆيلەر ۋە ئىش ئورۇنلىرى زىيانغا ئۇچرىغان ھۇجۇمدا تېرىلغۇ ئېتىزلارمۇ ئېغىر زىيان كۆردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، غەززەدىن ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىغا 2 روكېت ئېتىلغانلىقى، بۇلاردىن بىرىنىڭ «تۆمۈر گۈمبەز» روكېت مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن يوق قىلىنغانلىق بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر روكېت بومبىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىدېروت شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بىر سانائەت رايونىدىكى بىر بىناغا تېگىشى نەتىجىسىدە 3 يەھۇدىي يارىلانغان، يارىلانغۇچىلارنىڭ سالامەت ئەھۋالى ياخشى ئىكەن. ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى 12-ئىيۇندا ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا غايىپ بولغان 3 يەھۇدىي ياشنىڭ ئېلىپ قېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئىشتىن پەلەستىن ھاكىمىيىتىنى جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە پارلامېنتى ئارمىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ھوقۇق بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر