سۇداندا قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى

سۇداندا دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن سۇدان ئازادلىق ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

110690
سۇداندا قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ شىمالىي دارفۇر ۋىلاىيىتىدە ئارمىيە بىلەن سۇدان ئازادلىق ھەرىكىتى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
شىمالىي دارفۇر ۋالىيسى ئوسمان يۇسۇف كەبىر بايانات بېرىپ، سۇدان ئارمىيىسىنىڭ سۇدان ئازادلىق ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ شىمالىي سۇداننىڭ ئەل كۇببە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىنى بېسىقتۇرغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. كەبىر سۇدان ئارمىيەسى بىلەن ئازادلىق ھەرىكىتى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھەرىكەتنىڭ باشلىقى ئەلى كەرۇبىنو بولۇپ 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.
كەرۇبىنو ئابدۇلۋاھىد مۇھەممەد نۇر رەھبەرلىكىدىكى سۇدان ئازادلىق ھەرىكىتىدىن ئايرىلىپ، ئادالەت ئۈچۈن سۇدان ھەرىكىتىنى قۇرغان ئىدى.
«ئادالەت ۋە باراۋەرلىك»، «سۇدان ئازادلىق ھەرىكىتى» ۋە «سۇدان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» ناملىق قوراللىق گۇرۇپپىلار 2003-يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى كۈرەش قىلماقتا. بۇ قوراللىق گۇرۇپپىلار سۇدان ھۆكۈمىتىنى دارفۇر رايونىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە خەلقىگە قارشى ئايرىمچىلىق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
دارفۇر رايونىدىكى بۇ كۈرەش سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش» باھانىسى بىلەن 2009-يىلدا سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىر ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر