ب د ت ئەلچىسى: ئىراققا مۇداخىلە قىلىنىشى كېرەك

بان كىمۇننىڭ ئىراق ئالاھىدە ۋەكىلى نىكولاي ملادېنوۋ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئەسكىرىي مۇداخىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

107672
ب د ت ئەلچىسى: ئىراققا مۇداخىلە قىلىنىشى كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ ئىراق ئالاھىدە ۋەكىلى نىكولاي ملادېنوۋ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئ ش ئ د) ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئەسكىرىي مۇداخىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ملادېنوۋ باغدادتىن سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۇلىنىش قىلىپ نىيۇيوركتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراقتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ۋە ئۇنى بىتەرەپ قىلىشقا دائىر تەكلىپلىرىنى مۇخبىرلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئىراقتىكى كىرىزىسنىڭ نېگىزىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ۋە ئىتتىپاقدىشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ملادېنوۋ، بۇ گۇرۇپپىلارغا ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باغداد ۋە ئەربىلنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى سايىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.
ملادېنوۋ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئىراقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار پۇقرالار مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، 5- ئىيۇننىڭ مابەينىدە ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانىنىڭ 1300 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، 1250 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر