ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

106344
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ جەنۇب، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي رايونلىرىدىكى 4 ئايرىم نۇقتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق قانىتى بولغان قۇددۇس برىگاداسىغا تەۋە بىر ھەربىي رايونغا، شۇنداقلا غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھرىنىڭ ئەلمەنارە مەھەللىسىدىكى بىر تاشلاندۇق يەرگىمۇ ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقى، پەقەت ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر