جۇڭگونىڭ بەزى رايونلاردا بوران-چاپقۇن مەيدانغا كەلدى

جۇڭگونىڭ بەزى رايونلىرىدا بوران-چاپقۇن ۋە شىددەتلىك ھۆل-يېغىن مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

104014
جۇڭگونىڭ بەزى رايونلاردا بوران-چاپقۇن مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىدا مەيدانغا كەلگەن بوران-چاپقۇن ۋە شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلار سەۋەبىدىن 26 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خۇنەن، جىياڭشى ۋە فۇجىيەن قاتارلىق رايونلاردا تەخمىنەن 5 كۈندىن بۇيان داۋاملاشقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن ۋە بوران-چاپقۇندا 26 ئادەم قازا قىلدى، 3 ئادەم يوقاپ كەتتى.
بەزى رايونلاردا سەل ۋە تۇپراق ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى مەيدانغا كەلدى. بوران-چاپقۇننىڭ كۈچىيىشىگە قارىتا ئالدىن تەدبىرلەر ئۈچۈن 3370ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى، 115 مىڭ ئادەمنىڭ جىددىي بۇيۇملارغا ئېھتىياجى بارلىقى قەيت قىلىندى.
بوران-چاپقۇن ۋە شىددەتلىك ھۆل-يېغىن سەۋەب بولغان زىياننىڭ تەخمىنەن 650 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، 8700 ئۆينىڭ خانىۋەيران بولغانلىقىنى، 66مىڭ ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، 42مىڭ گىگتارلىق تېرىلغۇ-ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر