مىسىردا نامايىشچىلار باستۇرۇلدى

مىسىردا «نامايىش قانۇنى»غا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى.

103229
مىسىردا نامايىشچىلار باستۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا «نامايىش قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش» قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ساقچىلار نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىپ 2سى مۇخبىر بولۇپ نۇرغۇن نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.
پايتەخت قاھىرىدە «دۇنيا مەھبۇسلىرى بىلەن ھەمكارلىق كۈنى» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ تۈنۈگۈن يىغىلىش ئۆتكۈزگەن پائالىيەتچىلەر، تالاش-تارتىشلىق نامايىش قانۇنىغا قارشى شوئار توۋلاپ، ئىتتىھادىييە سارىيىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
ساقچىلار «مەھبۇسلارغا ئەركىنلىك»،«ھەربىي ھاكىمىيەت تەخىتتىن چۈشسۇن»، «ئىنقىلاب ئەسىرلىرىگە ئەركىنلىك» دېگەن لەۋھالارنى ئېلىپ ماڭغان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ نۇرغۇن نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر