ئىسرائىلىيە 37 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىىڭ ئىيۇردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 37 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

102468
ئىسرائىلىيە 37 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى


ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىىڭ ئىيۇردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 37 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىنلىك ئەسىرلەر كۇلۇبىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەن 3 نەپەر يەھۇدىي كۆچمەننى ئىزدەپ تېپىشنى باھانە قىلىپ، ئېلىپ بېرىۋاتقان تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە بەيتۇللاھىمدە 20، ئەل خەلىلدە 11، جەنىن شەھىرىدە 3 ۋە نابلۇس شەھەرلىرىدە 3 كىشى بولۇپ، جەمئىي 37 نەپەر پەلەستىن پۇقراسىنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 12 - ئىيۇندا ئىيۇردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى گۇش ئەتزىئۇن يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىدا يۇقۇلۇپ كەتكەن 3 نەپەر يەھۇدىي كۆچمەن ياشنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ مەسىلىگە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى جاۋاپكار ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائلىيە پارلامېنتى كۆچمەن يەھۇدىيلارنى ئاختۇرۇپ تېپىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر