لىۋانداا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى

ئامانلىقنى ساقلاش ئىدارىسى باش مۇدىرى گېنېرال ئابباس ئىبراھىم سۇيقەستتە يارىدار بولماستىن قوتۇلۇپ قالدى.

101731
لىۋانداا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى

لىۋاندا بىر ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.
ئامانلىقنى ساقلاش ئىدارىسى باش مۇدىرى گېنېرال ئابباس ئىبراھىم سۇيقەستتە يارىدار بولماستىن قوتۇلۇپ قالدى.
ئادەم بومبا ھۇجۇمى بومبا قاچىلانغان ئاپتومۇبىل بىلەن بەقادىكى دەھىر ئەل بەيدەر يولى ئۈستىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئېلىپ بېرىلدى.
ھۇجۇمچىلار تەكشۈرۈش پونكىتىدا بومبا قاچىلانغان ئاپتومۇبىلنى پارتلاتتى. ۋەقەدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 2 كىشى يارىدار بولدى. ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھازىرغىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.
بۇ جەرياندا لىۋان بىخەتەرلىكنى ساقلاش قىسىملىرى بېيرۇت ئەل ھەمرادىكى مېھمانخانىدا تۇيۇخسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
تەكشۈرۈشتە بەقا رايونىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى گۇمان قىلىنغان 12 كىشى قولغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر