كېنىيە ئەششەبابقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

كېنىيە ھۆكۈمىتى قانلىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

100802
كېنىيە ئەششەبابقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيە ھۆكۈمىتى قانلىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.
ھەربىي ھەرىكەتتە، ئۆتكەن ھەپتە 65 كىشىنى قەتلە قىلغان تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن 5 ى ئۆلتۈرۈلدى.
كېنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 65 كىشىنى قەتلە قىلغان ئەششەباب تەشكىلاتىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئەششەباب تەشكىلاتى، ھۇجۇملارنىڭ سەۋەبىنىڭ كېنىيەنىڭ سومالىدا ئەسكەر تۇرغۇزغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، كېنىيە، قوشنىسى سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتى مىلىتانلىرىغا قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە 2001 - يىلدىن بېرى ياردەم بېرىشى تۈپەيلى تەشكىلاتنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر