ئىران بىلەن 1+5 دۆلەتلىرى مۇزاكىرىلىرى باشلاندى

ئىران بىلەن 1+5 دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تېھرانننڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ 5 - قېتىملىقى ئاۋىسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا باشلاندى

97897
ئىران بىلەن 1+5 دۆلەتلىرى مۇزاكىرىلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران بىلەن 1+5 دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تېھرانننڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ 5 - قېتىملىقى ئاۋىسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا باشلاندى.
مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن ۋىينادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەۋاد زارىف، 5 - باسقۇچلۇق مۇزاكىرىدە يادرو مەسىلىسىنىڭ تالاش - تارتىش قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
زارىف، مۇزاكىرىلەرنىڭ غەلىبىلىك ھالدا ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يېتەرلىك ۋاقتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تېھران قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ» دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالى ۋەكىلى كېترىن ئېشتىن بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولغان زارىف، تېھراننىڭ يادرو ئېنېرگىيە پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
زارىف، يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
زارىف كېيىنچە ئېشتىن ۋە ئامېرىكىلىق مۇزاكىرىچىلەر بىلەن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئېلىپ باردى.
بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مۇزاكىرىلەرگە ئىران ھەيئىتىگە ۋەكالىتەن ئىران مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، 1+5 دۆلەتلىرىگە ۋەكالىتەن ئېشتىننىڭ ياردەمچىسى ھېلگا سىچمىد ئىشتىراك قىلىدۇ.
ئىران بىلەن 1+5 دۆلەتلىرىنىڭ، 2013 - يىلى 24 نويابىردا جەنۋەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ۋاقىتلىق كېلىشىمگە كۆرە، 2014 - يىلى 20 - ئىيۇل كۈنىگىچە كەڭ كۆلەملىك بىر كېلىشىم تۈزۈلۈشى نىشان قىلىنماقتا. بىراق شۇ چاغقىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە مۇزاكىرىلەرنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىش پىلانلانماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر