مىسىردا يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم قىلدى

مىسىردا باش مىنىستىر ئىبراھىم مىھلىبنىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم بەردى.

97842
مىسىردا يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر ئىبراھىم مىھلىبنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت قەسەم بەردى.
يېڭى ھۆكۈمەت ئەزالىرى پايتەخت قاھىرەدىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسىنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. يېڭى كابىنتتا 13ى يېڭى مىنىستىر بولۇپ 34 مىنىستىر ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھازىم دىبلاۋى باشچىلىقىدا قۇرۇلغن ھۆكۈمەت ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئادلى مەنسۇر تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مىھلىب قۇرغان ھۆكۈمەت مارت ئېيىدا ۋەزىپە ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر