ب د ت نىڭ باغدادىكى خادىملىرى تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىموننىڭ باياناتچىسى فەرھان ھەگ، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن تەدبىر ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى

97902
ب د ت نىڭ  باغدادىكى خادىملىرى تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىموننىڭ باياناتچىسى فەرھان ھەگ، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن تەدبىر ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
ھەگ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باغدادىكى خادىملىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باغدادتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 200 گە يېقىن خادىمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەگ، بۇلارنىڭ 58 ىنىڭ ۋاقتىنچە باغدادتىن ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئاممانغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خادىملارنىڭ ئەربىلگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پىلانلانماقتا. قالغان خادىملارنىڭمۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باغداد ۋە ئەتراپىدىكى باشقا يەرلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلۇشى كۈنتەرتىكە كېلىشى مۇمكىن» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىكى تۈرك دىپلۇماتلار ۋە شوپۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ خىزمەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھازىرقى باسقۇچتا مەلۇمات بېرىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىموننىڭ تۈرك دىپلوماتلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەگ، دىپلوماتلارنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىنماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر