ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ 4 نەپەر پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.
96420
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ 4 نەپەر پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.
ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدا پەلەستىن ساقچىلىرىغا تەۋە بولغان بىر يەرگە ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا 2سى بالا بولۇپ 3 ئادەم يارىلاندى. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر رايونغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ 1 ئادەمنى يارىلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىن ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاشكېلون شەھرىگە قىلىنغان 4 روكېت ھۇجۇمىغا قارشى قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.