ئوكرائىنادا بىر كۈنلۈك ماتەم
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېرو پوروشېنكو ن بىر كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېرو پوروشېنكو بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان ھەربىي ئايروپىلاندىكى 49 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن بىر كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.
پوروشېنكو بۇ خىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشقانلارنىڭ چوقۇم جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھۇجۇم ئوكرائىنادا ھۆكۈمەت بىلەن بۆلگۈنچىلەر ئارىسىدا ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلار ئىچىدە ئەڭ قانلىق ۋەقە بولدى.
ئوكرائىناغا تەۋە ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ قونۇش ئەسناسىدا شەرقتىكى لۇگانسىكتا چۈشۈپ كېتىشى بۆلگۈنچىلەرنىڭ روكېتقا ئوخشاش ئېغىر تىپلىق قوراللارغا قانداق ئېرىشكەنلىكى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
بۇنىڭدىن سىرت ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر كىيىۋدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلدى.
رۇسىيەگە قارشى شوئار توۋلاشقان نامايىشچىلار بىناغا تاش ۋە تۇخۇم ئېتىشتى، ئەلچىخانىغا تەۋە ماشىنىلار زىيانغا ئۇچرىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719161535)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.