ئامېرىكىلىق گېنېرال ئ ش ئ د ھەققىدە توختالدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىشغالدىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن ئىراق ئارمىيەسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ چىققان قوماندانى گېنېرال جېفرى بۇكېنىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ھەققىدە توختالدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىشغالدىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن ئىراق ئارمىيەسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ چىققان قوماندانى گېنېرال جېفرى بۇكېنىن TRT Haber مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىراقتا مۇسۇل قاتارلىق بەزى شەھەرلەرنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) تەشكىلاتىنىڭ ھەممە ئۈچۈن خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
2011- يىلىغىچە ئىراق ئارمىيەسىگە مەسئۇل بولغان قوماندان بۇكېنىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۇرۇش ئارقىلىق يوقىتىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئامېرىكىلىق قوماندان، «بۇ تەشكىلاتنى يالغۇزلاشتۇرۇشىمىز ۋە كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدىمۇ توختالغان بۇكېنىن، قەلبىمىز تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە، دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئامېرىكىلىق گېنېرال، «تۈركىيە بىلەن ناھايىتى يېقىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلماقتىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.