ب د ت ئۇكرائىنا ئايرۇپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ئەيىبلىدى

بان كىمۇن ئۇكرائىنانىڭ بىر ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ رۇس تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن لۇگانىسكتا چۈشۈرۈۋېتىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

95620
ب د ت ئۇكرائىنا ئايرۇپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن ئۇكرائىنانىڭ بىر ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ رۇس تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن لۇگانىسكتا چۈشۈرۈۋېتىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ب د ت باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بان كىمۇن ئوكرائىنادا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنىڭ، توقۇنۇشلارنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى ۋە مەسىلىلەرنىڭ دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشنىڭ تەقەززاسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىك ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىدىن نەتىجە چىقماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بان كىمۇن، بارلىق تەرەپدارلارنىڭ جەنۋەدە 17-ئاپرېلدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىغا رىئايە قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو ۋە ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان بان كىمۇن مۇنداق دېدى: «بارلىق تەرەپدارلار ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر