مىلىتانلار مارىئۇپولدا 32 رۇسپەرەسنى تۇتقۇن قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى پورت شەھىرى مارىئۇپولنى ئىشغال قىلىۋالغان مىلىتانلار، شەھەردە رۇسپەرەس 32 كىشىنى تۇتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى

94637
 مىلىتانلار مارىئۇپولدا 32  رۇسپەرەسنى  تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى پورت شەھىرى مارىئۇپولنى ئىشغال قىلىۋالغان مىلىتانلار، شەھەردە رۇسپەرەس 32 كىشىنى تۇتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئۆزلىرىنى «ئازوۋ» دەپ ئاتىۋالغان ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن مارىئۇپول شەھىرىگە كىرگەن مىلىتانلار، تۇتقان رۇسپەرەسلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا ئېلىپ باردى.
رۇسپەرەسلەر يەرگە ياتقۇزۇلۇپ، ئۇرۇلدى ۋە سوراق قىلىندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.
ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، شەھەرنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 6 سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا كەم دېگەندە 5 رۇسپەرەسنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەرگە 3 تانكا ئەۋەتكەنلىكى، دونېتسىكتە مۇستەقىللىق ئېلان قىلغانلار تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى.
ئۇكرائىنا قىسىملىرى، قورشاۋ ئاستىدىكى سىلاۋيانىسكنى داۋاملىق بومباردىمان قىلماقتا.
رۇسىيە، ئۇكرائىنانى سىلاۋيانىسكتە ئاق فوسفور بومبىسى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاق فوسفور بومبىسى، ھاۋا كىرىشى بىلەن تەڭ پارتلايدىغان بولغاچقا، نەپەس ئېلىۋاتقان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىكەن، چۈشكەن يەرنى ئېرىتىپ تاشلايدىكەن.
رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىلى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. رۇسىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بولسا پات - پات بومباردىمان كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، بومبىلارنىڭ ئاق فوسفور بومبىسى ياكى ئەمەسلىكى تېخىچە مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر