ئىراق ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى

مۇسۇلدىن كېيىن ساددام ھۈسەيىننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولغان تىكرىتكە ھۇجۇم قىلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) مىلىتانلىرى باغدادقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

93308
ئىراق ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
مۇسۇلدىن كېيىن ساددام ھۈسەيىننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولغان تىكرىتكە ھۇجۇم قىلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) مىلىتانلىرى باغدادقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق پەشمەرگە مىنىستىرلىكىنىڭ باش كاتىپى جاببار ياۋەر، تۈركىيەنىڭ مۇسۇل باشكونسۇلى بىلەن 48 نەپەر خىزمەتچى - خادىمىنىڭ، مۇسۇل ۋالىي مەھكىمىسىدە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ياۋەر، كەركۈكتىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئىراق ئارمىيەسىنىڭ شەھەردىكى قارارگاھلىرىنى تەرك ئەتكەنلىكىنى، رايوننىڭ تامامەن پەشمەرگەلەرنىڭ كونتىروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ئارىلىقتا، ئىراقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
دىيالادىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئونلارچە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانىنىڭ ئۆلگەنلىكى، تەشكىلاتقا ئائىت 60 ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇسۇلدىن كېيىن تىكرىتكە ھۇجۇم قىلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىمۇ بۇ يەردە گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئەسكەرلەرنىڭ ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە ئېلان قىلدى.
بىراق ئىراق ئارمىيەسى ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي تىكرىتنىڭ قايتۇرۇۋېلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
نىشانلىرىنىڭ باغداد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى، ئەنبەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھاسىبە رايونىدىمۇ چېكىنىۋاتقان ئىراق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا كۆپ ساندا كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى.
ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ شىئەلەرگە نىسبەتەن مۇھىم بىر مەركەز ھېسابلىنىدىغان ساماررانى قوغداش مەسىلىسىدە ئىراق ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان مىڭ كىشىلىك زاپاس قىسىم تەشكىل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىراق پارلامېنتىدا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان جىددىي يىغىن، ھېچكىم ئىشتىراك قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئېچىلالمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مۇسۇلنى ئىشغال قىلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرى ئارقىلىق قانۇن - بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلىرىدىن بىرى، «ئاياللار مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، چىققانلارمۇ ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىش، ئوغرىلارنى ئىسلام قانۇنىغا ئاساسەن جازالاش، ھاراق - تاماكىنى مەنئىي قىلىش» ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر