ئامېرىكىنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سېمانتا پاۋىر ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا.

92650
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سېمانتا پاۋىر ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولماقتا.
پاۋىر، ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق ۋە رايونغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، پاۋىرنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپى، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر