بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋام قىلماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم باشلىدى.

91928
بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (SNHR) بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئېغىر قوراللار بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا سەككىز كىچىك بالا، ئۈچ ئايال بولۇپ، جەمئىي 68 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
سۈرىيە يەرلىك ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ ئىدلىب ۋە ئەتراپىدىكى بەششار ئەسەد قىسىملىرىنى چوڭ تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىسلامىي فىرونتقا قاراشلىق قىسىملارنىڭ ھەلەب، ھاما ۋە ھۇمۇس ئەتراپلىرىدىمۇ بەششار ئەسەد قىسىملىرىنى زور چىقىمغا ئۇچراتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
سۈرىيە سانا خەۋەر ئاگېنتلىقى بولسا، خەۋەرلىرىدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەلەب، دەرئا، ئىدلىب ۋە ھامادا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە نۇرغۇنلىغان قوراللىق گۇرۇپپىلارنى يوقىتىپ، ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر