ئىراقتىكى ۋەقەلەرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ تۈنجى ئىنكاسىنى قايتۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا «مۇسۇلدا يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېيىلدى.

91505
ئىراقتىكى ۋەقەلەرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ تۈنجى ئىنكاسىنى قايتۇردى

ئىراقتىكى ۋەقەلەرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ تۈنجى ئىنكاسىنى قايتۇردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا «مۇسۇلدا يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېيىلدى.
يازما باياناتتا مۇسۇلدىكى ۋەقەلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە جىدىي ۋەقە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىملەرگە بىنائەن ئىراققا كېرەكلىك ياردەمدە بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
باياناتتا، ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغانلىقى بىلدۈرۈلۇپ، مېلىتانلار بىلەن يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارنىڭ ئىراققا يۆتكەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
يازما باياناتتا ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يالغۇز ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن رايوننىڭ بىخەرتەرلىكى ئۈچۈنمۇ چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى تەكرارلاندى ھەمدە تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە بىخەتەرلىك قىسىمىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر