لاس ۋىگاستا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

دۇنياغا داڭلىق قىمار شەھىرى لاس ۋىگاستا ئىككى گۇمانلىق ئادەم ئىككى ساقچى ۋە بىر ئادەتتىكى پۇقرانى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

88016
لاس ۋىگاستا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىمارخانىلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان لاس ۋىگاس شەھىرىدە بىر رېستورانغا كىرگەن ئىككى گۇمانلىق ئادەم، تاماق يەۋاتقان ئىككى ساقچىنى ئوققا تۇتتى. ساقچىلار نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىرى ئايال، بىرى ئەر بولغان ھۇجۇمچىلار ساقچىلارنىڭ قورالىنى ئېلىپ كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماگىزىنغا قاراپ قاچتى. ئارقىدىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ھۇجۇمچىلار، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار بىلەن ئېتىشتى.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا، ئايال ھۇجۇمچى ئېتىشىش جەريانىدا ھەمراھىنى ئېتىۋەتكەن ۋە ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ھۇجۇمچىلاردىن بىرى «بۇ ئىنقىلابنىڭ باشلانغۇچى» دەپ ۋارقىرغان.
ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن رېستوران ۋە ھۇجۇمچىلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ماگىزىننى بوشىتىپ، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كىشىلەردىن مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇلارنى باشقا ماگزىنغا ئېلىپ باردى.
مەسئۇل دائىرىلەر، ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر