ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

پوروشېنكو ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رۇسىيە تەرەپدارلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

87172
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پورشېكنو تۈنۈگۈن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
پوروشېنكو ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رۇسىيە تەرەپدارلىرىنى ئاگاھلاندۇردى.
يېڭى پىرېزىدېنت: «ئۇكرائىنانىڭ فېدراتىپلىشىشىغا قەتئىي رۇخسەت بەرمەيمىز» دېگەن سۆزلىرى بىلەن مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرگەن رۇسىيە تەرەپدارلىرىغا قەتئىي بوي سۇنمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى، بىراق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
سلىيىنسكتا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارغا قارشى جۈمە كۈنىدىن باشلاپ شىددەتلىك زەربە بېرىشكە باشلىدى. بومباردىمان ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەھەرنى نۇرغۇن ئاھالە تاشلاپ كەتمەكتە.
خەلقنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دونېتىكىستا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆلتۈرۈلدى. بۆلگۈنچى رۇس تەرەپدارلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېترۇكىن ماشىنىسىدا مېڭىۋاتقاندا ئوق تېگىپ ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر