ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا يەنە قان ئاقتى

پايتەخت قاھىرەنىڭ شەرقىدىكى ئاينىششەمس رايونىدىكى نامايىش جەريانىدىمۇ بىر كېچىك بالىنىڭ بېشىغا ئوق تېكىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

86318
ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا يەنە قان ئاقتى

ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا يەنە قان ئاقتى.
مىسىردا ئامانلىقنى ساقلاش قىىسملىرىنىڭ قاتتىق قول مۇداخىلىسى تۈپەيلى 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
نەخ مەيداننى كۆرگەن شاھىتلاردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى غىزا شەھىرىدە ھەربىي ئۆزگىرىشكە نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، نەتىجىدە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بىرسىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى ئۆيىنىڭ بالكۇنىدىكى چاغدا ئوق تەگكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پايتەخت قاھىرەنىڭ شەرقىدىكى ئاينىششەمس رايونىدىكى نامايىش جەريانىدىمۇ بىر كېچىك بالىنىڭ بېشىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەربىي ئۆزگىرىشنى رەت قىلىپ، قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللاش خەلق ئىتتىپاقى ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر كېچىك بالا نامايىشلارنى بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئۆگزىدە تۇرۇپ كۆرىۋاتقان بىر پەيتتە قەيەردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بىر پاي ئوقنىڭ ئۇدۇل بېشىغا تەگكەنلىكى ۋە بالىنىڭ شۇ يەردىلا ھاياتىدىن ئايىرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ۋەقە ھەققىدە مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تېخىچە ھېچ قانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر