ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىرنى ئىزچىل قوللىماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

84932
ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىرنى ئىزچىل قوللىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىر ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالى ۋەكىلى كېترىن ئېشتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مىسىرنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېشتىن تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى سايلام كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى باياناتىغا كۆرە، سايلاملار تىنچ ۋە تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلگەن، تەشكىللىنىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىلىرىدە ئەندىشىلەر بار، دەپ قارايدىغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.
ئېشتىن، پۈتكۈل ۋەتەنداشلىرى ۋە خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان دېموكراتىك، ئوچۇق - ئاشكارا ۋە ھېساب بېرەلەيدىغان ئورگانلار تەسىس قىلىنغاندىلا ئاندىن چوڭقۇر ۋە سىجىل دېموكراتىيەنى بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىقنى نىشان قىلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ داۋاملىق تۇتقۇنلۇق ھالىتىدە تۇرۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئېشتىن، مىسىر دائىرىلىرىنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان كۆپ ساندىكى ئۆلۈم جازاسى قارارىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر