سۈرىيەدىكى ئاچارچىلىق ب د ت نىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى

سۈرىيەدىكى ئاچارچىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى

84809
 سۈرىيەدىكى ئاچارچىلىق ب د ت نىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئاچارچىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى.
سۈرىيەدە قورشاۋ ئاستىدىكى شەھەرلەردە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاچارچىلىق تۈپەيلى ئۆلۈم گىردابىغا تەرك ئېتىلگەن ئىنسانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دوكلات سۇندى.
يىغىندا سۆز قىلغان سۈرىيەلىك ژۇرنالىست قۇسەير زەكەرىييا، دەمەشق ئەتراپىدىكى مۇدامىيەدە كۆرگەن ئىنسانىي تىراگېدىيە توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. مۇدامىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار باشلانغاندىن كېيىن، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ مۇدامىيە خەلقىگە پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زەكەرىييا، نامايىشلار توختىمىغاندىن كېيىن شەھەرنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. قامالنىڭ بەشىنچى ئېيىدا ئۆيلەردە يەيدىغان ھېچقانداق نەرسە قالمىغانلىقىنى قەيت قىلغان زەكەرىييا، شەھەرگە يېمەك - ئىچمەك، دورا ۋە ھەر تۈرلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ھەممە ياقنى ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. زەكەرىييا، ئىنسانلارنىڭ جانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەرەخلەرنىڭ قوۋزاقلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. بەششار ئەسەد سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان زەكەرىييا، بەششار ئەسەدنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ دەرد - ئەلەملەرگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىزگە ياردەم بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر