سۈرىيە ئارمىۇيەسىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

84531
سۈرىيە ئارمىۇيەسىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.
دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردا ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 61 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ، دەمەشقنىڭ ئاربىن رايونىغا زەھەرلىك گازلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
سۈرىيەدە ئارمىيەگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ھەلەپتە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ئونلارچە ئۆي - ماكان ۋەيران بولدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلابى كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ پايتەخت دەمەشقنىڭ مۇلەيھا، جوبار، قابۇن ۋە دەرەييا يېزىلىرىغا ۋارىل بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە كۆپ ساندا ئولتۇراق رايونىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە يەرلىك ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىمۇ، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دەمەشقنىڭ ئاربىن رايونىغا «زەھەرلىك گاز» لار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
باياناتتا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر