ئامېرىكا سۈرىيەگە ياردەم يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇرىيەگە ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنى يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ ۋاشىنگتون ئۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا يەنە 290 مىليون دوللار يوللاشنى قارار قىلدى.

83263

ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۇ قېتىم ئەۋەتىلىدىغان مىقدارنى قوشقاندا سۇرىيەگە ئەۋەتىلگەن ياردەملەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى؛ بۇ قېتىمقى ياردەمنىڭ 135 مىليون دوللىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەك؛ قالغان قىسمىنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلارغا ياردەم سۈپىتىدە ئەۋەتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ياردەملەر سۇرىيەنىڭ ئىچى ۋە قوشنا ئەللەردە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇرۇش قۇربانلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە سۇرىيەلىكلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تازىلىق لازىمەتلىكلىرى ۋە ئۆيگە لازىملىق نەرسە – كېرەكلىرى تەمىن ئېتىلىدۇ.
290 مىليون دوللارلىق ياردەمنىڭ 15 مىليونلۇق قىسمى تۈركىيەگە بېرىلىدۇ؛ ياردەملەرنىڭ تۈركىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە چېدىر شەھەرلەردە ياشاۋاتقان سۇرىيەلىكلەر ئېلېكتىرونلۇق تاماق كارتىسى سۈپىتىدە بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر