لىۋىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارى غۇلغۇلا قوزغىدى
لىۋىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئەھمەت مائاتىك باش مىنىستىرلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
83897
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئەھمەت مائاتىك باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغان مىللىي ئومۇمىي كېڭەش سايلىمىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئەمەلدىن قالدۇردى.
مىللىي ئومۇمىي كېڭەشتىكى سايلامغا يېتەرلىك دەرىجىدە ۋەكىل قاتناشمىغانلىقى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
ئالدىنقى باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ئەس سىنىمۇ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالىمىغان ئىدى.
مائاتىكنىڭ ئادۋوكاتلىرى قارارنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.