ئوباما جون باسنى باش ئەلچىلىككە نامزات قىلىپ كۆرسەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، جون باسنى دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە رەسمىي نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.

82015
ئوباما جون باسنى باش ئەلچىلىككە نامزات قىلىپ كۆرسەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، جون باسنى دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە رەسمىي نامزات قىلىپ كۆرسەتتى؛ باسنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ئۈچۈن پالاتانىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
باس 2013- يىلىدىن بويان ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى. خۇسۇسەن ئوتتۇرا شەرق ۋە كاۋكاز رايونىنى ياخشى بىلىدىغان باس، 2009- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ گىرۇزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغانىدى.
جون باس 2008- يىلى بىر يىل بويىچە ئىراقنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى بولدى.
دىپلوماتىك ھاياتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر گېزىتتە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن باس، ئىتالىيە ۋە فرانسۇز تىللىرىنى بىلىدۇ.
يېڭى باش ئەلچىنىڭ تەيىنلىنىشى ئۈچۈن نامزاتلىقىنىڭ ئالدى بىلەن پالاتانىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ماقۇللىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. جون باس پالاتا ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ماقۇللىقىنىمۇ ئالغان تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر