ئامېرىكا سۈرىيەدىكى سايلاملارغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇرىيەدىكى سايلاملارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى؛ ۋاشىنگتون رەسمىيەت ماھىيىتىدىكى سايلامغا «رەزىللىك» دەپ باھا بەردى.

82092
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى سايلاملارغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇرىيەدىكى سايلاملارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى؛ ۋاشىنگتون رەسمىيەت ماھىيىتىدىكى سايلامغا «رەزىللىك» دەپ باھا بەردى.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىي ھارف، سۇرىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنى «رېئاللىقتىن يىراقلاپ كېتىش» دەپ تەرىپلىدى ۋە 160 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ كۈلەڭگىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارغا «رەزىللىك» دەپ باھا بەردى. بۇ سايلامنىڭ دۆلەتكە تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھارف، ئۆكتىچىلەرنىڭ زوراۋانلىق يولى بىلەن باستۇرۇلۇشىنىڭ «40 يىللىق ئائىلە مىراسى» نىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئەسەدنىڭ ئىشنىشكە بولىدىغان تەرەپلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى، ئەسەد ۋە ئائىلىسىنىڭ ھەقىقىي سايلامغا ئوخشاش بېلەت تاشلاۋاتقان ھالەتتە تارتىلغان فوتو- سۈرەتلىرىگە «پەسكەشلىك» دەپ باھا بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر