ئىسرائىلىيە مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇ

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، پەلەستىندە قۇرۇلغان «مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى» بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرماسلىق قارارى ئالغانلىقى جاكارلاندى

81263
ئىسرائىلىيە مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشنى رەت قىلماقتا.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، پەلەستىندە قۇرۇلغان «مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى» بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرماسلىق قارارى ئالغانلىقى جاكارلاندى.
باش مىنىستىرلىك باياناتچىسى ئوفىر گېندېلمان، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، پەلەستىندە 23 - ئاپرېل كۈنى ھاماس بىلەن ئەلفەتىھ ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان مىللىي يارىشىش دائىرىسىدە قۇرۇلغان مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پەلەستىندە قۇرۇلغان مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ راماللاھتىكى مىنىستىرلىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. رامى ئەلھەمداللاھ رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابىنېتتىن ئورۇن ئالغان غەززەلىك 5 مىنىستىردىن 4 ى بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرىلاردىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى تۈپەيلى مۇراسىمغا قاتنىشالمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر